ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.04.05

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتى 4-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەبىھ جىنايەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش، ئۇنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھەم ئەخلاقىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان.

باياناتتا تەكىتلىشىچە، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر قەبىھ جىنايەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ئۇنىڭ قايسى جايدا يۈز بەرگەنلىكىگە قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتى مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمۇۋاتقان ياكى خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاشكارا قوللاپ، بۇ مەسىلىنىڭ ب د ت دا مۇزاكىرە قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

باياناتتا، دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ سادىر قىلىنىۋاتقانلىقى، «دۆلەت ۋە غەيرىي دۆلەت ئاكتيورلىرىنىڭ مىللىي، ئېتنىك ياكى دىنىي گۇرۇپپىلارنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش مەقسىتىدە سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاقلاشتا، بۇ خەلقلەرنى غەيرىي-ئىنسانىي قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى ياكى ئالۋاستىلاشتۇرۇۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

باياناتتا يەنە ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ 2022-يىلى 11-ئايدىكى جىددىي ھەرىكەت قارارىدا، ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسىگە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بەزى تەۋسىيەلەرنى بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ بارلىق دۆلەتلەرگە كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قانۇنىي يول ئارقىلىق خاتىمە بېرىش بۇرچىنى خاتىرىلىتىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا قەيت قىلىشىچە، بۇ كومىتېتنىڭ قارارى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ رايوندىكى قىلمىشلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ باھالىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.