ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى سەۋەبىدىن دىپلوماتىك بويقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى 18-نويابىر پەيشەنبە كۈنى كانادا باش مىنستىرى جۇستىن ترۇدو بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان.
ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، كېلەر يىلى 2-ئايدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بويقۇت قىلىش پىكرىنى «بىز ئويلىشىۋاتقان بىر ئىش» دېگەن.
ئادەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر مۇسابىقىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆمىكى ئەۋەتىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىرىنچى خانىم جىل بايدېن ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بارغان ئىدى.
ئەگەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى بويقۇت قىلىنغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئۇنىڭغا ھېچقانداق دېپلوماتىنى ئەۋەتمەيدىكەن، ئەمما تەنھەرىكەتچىلەر بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىۋېرىدىكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئىككى كۈن ئالدىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بويقۇت قىلىش تەكلىپىنىڭ ئاقسارايغا رەسمىي يوسۇندا يوللانغانلىقىنى ۋە پرېزىدېنت بايدېننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ھەقتە بىر قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.