خىتايدىكى بىئودېزىل ئىشلەپچىقارغۇچىلار يېڭى ئېكسپورت يوللىرىنى تېپىشقا ئۇرۇنماقتا
2024.08.16
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بىئودېزىل (biodiesel) ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بازار بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە «تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بېجى» نى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىئودېزىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى زور مىقداردا بېسىلىپ قالغان ھەمدە ئاسىيا تەۋەسىدە يېڭى ئېكسپورت يوللىرىنى ئېچىشنىڭ كويىغا چۈشكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى «تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش بېجى» نىڭ مىقدارىنى 12 پىرسەنتتىن 36 پىرسەنتكىچە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھال جېجياڭ ۋە خېنەندىكى ياۋروپاغا بىئودېزىل ئېكسپورت قىلىۋاتقان شىركەتلەر ئۈچۈنلا ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق يىللىق سودىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمپورت قىلىۋاتقان بىئودېزىلنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايدىن كېلىدىغان بولۇپ، 2023-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 1.8 توننا بىئودېزىل ئىمپورت قىلىنغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايدا يېقىنقى مەزگىللەردە بىئودېزىل ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار شىددەت بىلەن كۆپەيگەن.
خەۋەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن بىر نۇقتا خىتايدىكى كۆپلىگەن بىئودېزىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ خۇسۇسىيلار ماڭدۇرۇۋاتقان كىچىك كۆلەمدىكى زاۋۇتلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خام ئەشيا مەنبەسىنىڭ خىتايدىكى مىليونلارچە رېستوران ۋە ئاشخانىلاردىن توپلانغان قالدۇق تاماقلارنى سۈزۈشتىن كېلىدىغانلىقى بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بىئودېزىل ئادەتتە بىيولوگىيەلىك ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان دېزىل بولۇپ، كۆپ خىل دىزېل موتورلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ۋە ئاپتوموبىللارغا يېقىلغۇ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.