چۇڭچىڭنىڭ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئېتىش جازاسى بېرىلدى

چۇڭچىڭنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى بو شىلەي سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان چۇڭچىڭنىڭ مۇئاۋىن ساقچى باشلىقىغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئېتىش جازاسى بېرىلدى.

چۇڭچىڭ مەھكىمە دائىرىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى تاڭ جيەنخۋاغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
ئۆزىنى مەخپىي تۇتقان بىر سوت خادىمى تاڭ جيەنخۋانىڭ ئۆيىدىن كۆپ مىقداردا نەق پۇل بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە تاڭنىڭ 16 مىليون يۈەن پارا ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما، خەۋەرلەردە تاڭنىڭ قاچان سوتقا تارتىلىپ، قاچان جازاغا بۇيرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

چۇڭچىڭنىڭ سابىق ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ئۆتكەن يىلى فېۋرالدا چېڭدۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قېچىپ كىرىۋالغاندىن كېيىن، بو شىلەي سەتچىلىكى ئاشكارىلانغان. نەتىجىدە، بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان بولسا، بو شىلەيمۇ تۈرمىگە تاشلىنىپ، بارلىق ھوقۇقلىرىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

بۇ يېقىنقى زامان خىتاي كومپارتىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سەتچىلىكلەرنىڭ بىر دەپ قارالغان ئىدى.