چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.05.31

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن ئ‍ۇچرىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار سىياسىتىنى ئاقلىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى چېن چۈەنگو ۋە شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كەلگەن بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغان. سۆھبەتتە چېن چۈەنگو ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا بەكمۇ زور نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى، بۇ جايدىكى كىشىلەرگە بېرىلگەن يۈزلىگەن ھوقۇقلارنىڭ، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنىڭ بەكمۇ ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقى، ئەمما غەرپ دۇنياسىدىكى بىر قىسىم ھەسەتخور «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ ئاق-قارىنى ئ‍استىن-ئۈستۈن قىلىپ، كومپارتىيەگە بەدنام چاپلاۋاتقانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتقان. زىيارەتكە كەلگەن ئافرىقا دىپلوماتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قەتئى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جايدىكى «بەختىيار» مەنزىرىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ ئالىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹قەرز دىپلوماتىيە› سىگە بوغۇلۇپ بولغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ‹ئېغىز يېسە يۈز ئۇيۇلار› دېگەندەك ئىش قىلىشىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە تىل-يېزىقىنى مەنئىي قىلىپ بولدى. ئۇلار مۇشۇ شەكىلدە كۆپ قېتىم چەت ئەل ئۆمەكلىرىنى ئالدىماقچى بولغان. ئەمما ئۇلار پەقەت ئۆزىنى-ئۆزى ئالداشتىن باشقىغا يارىمايدۇ،» دېيىشمەكتە. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە بىرمۇ مۇستەقىل چەت ئەل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئىجازەت بەرمىگەنلىكىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.