چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا ئىشلىمىكى قىيىنغا چۈشمەكتە
2018.01.30
ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان بەلگىلىمىلىرى بارغانسېرى كۆپلىگەن مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خىتاي تەۋەسىدە نورمال خىزمەت قىلىشى تولىمۇ قىيىنغا چۈشمەكتە.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، «ئاسىيا خەۋەر قانىلى» قاتارلىق ئون نەچچە جايدا 30-يانۋار ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ھەر يۈز مۇخبىرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىزمەت قىلىش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ 23 پىرسەنتى بارماقچى بولغان يېرىگە بېرىشتىن توسۇۋېلىنغان، سەككىز پىرسەنتى بولسا خىتاي ساقچىلىرىدىن تاياق يېگەن. ب ب س نىڭ مۇخبىرلىرىدىن ماسيۇ گوددار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ناتونۇش كىشىلەر قولۇمدىكى كامېرانى تەكشۈرمەكچى بولغاندا مەن بۇ يولسىز تەلەپنى رەت قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كامېرانى چېقىۋەتمەكچى بولدى» دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەممىدىنمۇ بەكرەك قىيىن جاي ئۇيغۇرلار دىيارى ئىكەن. 2017-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىغا بارغان مۇخبىرلارنىڭ 73 پىرسەنتىگە شۇ جايلاردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خەۋەر ئىشلەشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ياكى مەنئى قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سان بولسا 2016-يىلى 42 پىرسەنت بولغان. ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىشلەۋاتقان بىر مۇخبىرى بۇ توغرىلىق توختىلىپ «مېنى شىنجاڭدا كۆپ قېتىم ساقچىلار تۇتتى. مەيلى قايسىلا شەھەرگە باراي شۇنداق بولدى. بەزىدە سەپەر ئۈچۈن پويىزدا كېتىۋاتقاندا تۇتتى. بەزىدە مېنى 11 سائەت سوراق قىلغان ئىدى. شۇ جەرياندا ئىككى كېچە ئۇخلاتماي تاڭ ئېتىپ كەتكەن ۋاقىتلارمۇ بار» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قاچان خىتاي زېمىنىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈچۈن «ئوچۇق» ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ كېلىۋاتسىمۇ، بۇ قېتىمقى راي سىناشتا خىتاي تەۋەسىدە ئىشلەۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى.