جۇڭگو پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى: ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئىلگىرىلەش

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.21

خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» خىتاينىڭ يېقىندا ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلغانلىقىنى قارشى ئېلىپ، ئەگەر بۇ ئىجرا قىلىنسا پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ كۈچىنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا قارشى تۇرۇش يولىدىكى ئىلغار بىر قەدەم، دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمى كوممۇنىستىك ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكنى قانۇنسىز چەكلەيدىغان كۈچلۈك قورالىغا ئايلانغان. دائىرىلەر بۇ تۈزۈمنى ئۇ يولغا قويۇلغان 1957-يىلدىن بۇيان كوممۇنىستىك رېجىمنى تەنقىد قىلغان، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان پۇقرالارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن.

«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى يەنە، مەزكۇر تۈزۈم ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ خۇسۇسەن، ئۆكتىچىلەر، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، ئەدىبلەر، زىيالىيلار، ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە سوتچى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئىزچىل ۋە ئورتاق تىرىشچانلىقىدا بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق بۇ پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. پەقەت ئاساسىي قانۇنلۇق دېموكراتىيە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» بۇ يىل خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزالىققا سايلىنىشىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان، بىراق ئۇنىڭ ئەزالىققا سايلىنىشىنى توسۇپ قالالمىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.