خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە چېتىشلىق ئىكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.08.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

پۈتۈن دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەتلەر، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي ئەربابلار كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش، ئۇنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش چاقىرىقى قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇئان ئانتونىيو سامارانچ سالىساچس بۇ مۇسابىقىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈش مەيدانىدا چىڭ تۇرماقتا ئىكەن.

 ياخۇ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سالىساچسنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تەنتەربىيە خەير-ساخاۋەت ئورگىنى سامارانچ فوندى خىتايدىكى ئانتا شىركىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. تەنتەربىيە كىيىملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئانتا شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى قىلچە نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭ پاختىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرسى ئىكەن. سامارانچ فوندى 2012-يىل قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئانتا شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلگەن. سالىساچس 2016-يىلى خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئانتا شىركىتىمۇ ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر كومىتېت ئانتا شىركىتىنى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان توكيو يازلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسى ۋە كېلەر يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل ئولىمپېك كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنى كىيىم بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت دەپ ئېلان قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خۇئان ئانتونىيو سامارانچ سالىساچس خەلقئارا ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى سامارانچنىڭ ئوغلى بولۇپ، سابىق رەئىس سامارانچ بولسا 2008-يىل خىتاينىڭ ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە تۆھپە قوشقان شەخس ئىكەن. سالىساچس دادىسىنىڭ يولىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تا ھازىرغىچە خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن. ئۇ خىتايدىكى ئانتا شىركىتىدىن باشقا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بولغان كۆپلىگەن شىركەتلەر بىلەن شېرىكلەشكەن بولۇپ، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالماي كەلگەن. 2020-يىلى ئۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر يىغىندا، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى باشقا جايغا يۆتكەش تەكلىپىنى رەت قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، سالىساچسنىڭ «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى يوق» دەپ قارايدىغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە خەلقئارا شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى خەلقئارا ئولىمپېك روھىغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ تېخىمۇ بىرلىشىپ، بۇ مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

    

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.