فورد شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلدى

ئامېرىكىنىڭ فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق بىر خىتاي باتارېيە شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇىيەتچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» ۋە ۋاشىنگتوندىكى «تۆپىلىك» گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر بىلەن ئاۋام پالاتاسى خام چوت كومىتېتىنىڭ رەئىسى قېيسون سىمىت، 23-ئىيۇل فورد شىركىتىگە خەت يېزىپ، بۇ شىركەتنىڭ خىتاينىڭ «نىڭدې زامان تېخنولوگىيە شىركىتى» بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە دائىر ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ «نىڭدې زامان تېخنولوگىيە شىركىتى» دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ لىتېيلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ 2022-يىلى ئىشلەپچىقارغان بۇ خىل مەھسۇلاتى دۇنيا بازىرىنىڭ 37 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. «تۆپىلىك» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايك گاللاگېر بىلەن جېيسون سىمىت خېتىدە، ئاممىغا ئاشكارا بولغان مالىيە ھۆججەتلىرىدە ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە «نىڭدې زامان شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى شىركەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر ئالغانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى، ھالبۇكى ئامېرىكا خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بېكىتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز بۈگۈن بۇ خەتنى يېزىشتا فوردنىڭ ‹نىڭدې زامانىۋى شىركىتى›نىڭ شىنجاڭدىكى شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىغا دائىر مەلۇماتى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئامېرىكا باتارېيە مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەدىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلدۇق.»

مەلۇم بولۇشىچە، گاللاگېر بىلەن سىمىت فورد شىركىتىنىڭ فورد بىلەن خىتاي شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىجازەتنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، جۈملىدىن بارلىق قوشۇمچە دېتاللار بىلەن تەمىنلىشى، فورد بىلەن خىتاي شىركىتى ئارىسىدىكى ئىجازەتنامە كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئالاقە، ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلى تىلدىكى ئورگىنالى، فورد بىلەن بايدېن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يېزىشقان فورد بىلەن خىتاي شىركىتىنىڭ سودا ئ‍ىجازەتنامىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاقە، ھۆججەت ۋە باج كرىدىتىگە ئائىت ماتېرىياللار بىلەن تەمىلىشىنى تەلەپ قىلغان.