خىتاينىڭ ئاقسۇ مۇزېيى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئاقسۇدىكى ئىزلىرىنى پۈتۈنلەي يۇيۇپ تاشلىغان

خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى مۇزېيلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيە ئىزلىرىنى يۇيۇپ تاشلاشقا باشلىغان. «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار مۇزېيىنى رەتكە سېلىپ قايتا ئاچقان.لېكىن قايتا ئېچىلغان مۇزېيدا ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق بولغان تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملار ئېلىپ تاشلىنىپ، خىتاي تارىخىدىكى سۇلالىلارنىڭ قۇم ۋە كۈسەننى باشقۇرغانلىقىغا ئائىت بۇيۇملار بىلەن تولدۇرۇلغان.

مەزكۇر مۇزېيدىكى بۇيۇملار دىگىتاللاشتۇرۇلۇپ، ستېرولۇق سىن ئېكرانلىرىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بۇيۇملار خىتاينىڭ غەربىي خەن دەۋرىدىن باشلاپ ھەر قايسى خىتاي سۇلالەلىرىنىڭ بۇ رايوننى باشقۇرغانلىقى، خەن سۇلالىسىنىڭ يەرلىك چاڭ مىللىتى بېگىگە تامغا ئىنئام قىلغانلىقى، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئىزچىل بۇ رايوندا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىراق مۇزېيغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى، ئۇلارنىڭ نامىدا ئاتالغان ياكى ئۇلارغا تەئەللۇق بولغان تارىخىي بۇيۇملار قويۇلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر مۇزېي خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇنى بىلەن تەڭ باشلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە ئارخېئولىگىيەلىك ئىزلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاش، تارىخىي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، بۇ رايوننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ پارچىسى ئىكەن. ئاقسۇدىكى مۇزېينىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدا بۇددا دىنىي ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بولغان بۇيۇملار ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.