پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ ئىنگلىزچە ئاكادېمىك كىتابى نەشىر قىلىندى

كىتابتا بۇ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسلىق تەتقىقات ئۆرنىكى قىلىنغان.

پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ ئىنگلىزچە ئاكادېمىك كىتابى نەشىر قىلىندى

ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق نىڭ «خىتايدا باشقىلار: باشقۇرۇش ۋە خىتايچە ئاسسىمىلياتسىيە» (Others in China: Governing, Assimilation with Chinese Characteristics) ناملىق يېڭى ئىلمىي ئەسىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاكادېمىك نەشرىياتلارنىڭ بىرى بولغان «پالگرەۋ ماكمىللان» (Palgrave Macmillan / Springer) نەشرىياتى تەرىپىدىن سىنگاپوردا ئىنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىندى. بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر نەشىرىيات تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىككىنجى ئاكادېمىك كىتابىدۇر.

بۇ كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئېتنىك سىياسەتلىرىگە، بولۇپمۇ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ۋە ئېتنىك-دىنىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان تارىخىي ھەم ھازىرقى زامان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە قارىتا چوڭقۇر ئانالىز ئېلىپ بارغان. كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىك نىيىتىنى دۆلەت ئىچى ۋە بېسىۋالغان رايونلاردىكى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن.

ئاپتور خىتاينىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ئىگە جەمئىيەتنى بىر خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ خىتاي مەدەنىيەت مەپكۇرىسى بىلەن زامانىۋى ماركسىزم ۋە مىللەتچىلىك ئىدىئولوگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمەلىيىتىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاسسىمىلياتسىيە» دەپ ئانالىز قىلغان. كىتابتا بۇ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسلىق تەتقىقات ئۆرنىكى (Case Study) قىلىپ ئېلىنغان.

كۆكتۈرك دەۋرىدىن قالغان خىتاينى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىلمىي ئەنئەنىسىنى يازما، ئاكادېمىك سىستېمىغا سالغان ئاساستا، خەلقئارالىق پەن ئۆلچىمى ۋە خەلقئارالىق تىلدا تەقدىم قىلىشنى بىر زۆرۈرىيەت دەپ قارىغان ئاپتور بۇ كىتابتا 30 يىلغا يېقىن كۆزىتىش، ئىزچىل ئوقۇش-ئوقۇتۇش، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش، ھەر خىل مىللەتلەر رايونلارىدىكى ئۇزۇن يىللىق سوتسىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جۇغلانمىسى ئاساسىدا يېزىپ چىققان.

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق 2002-يىلى تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا سوتسىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2014-يىلى خىزمىتىدىن ئستىپا بېرىپ ئاكادېمىك ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋام قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى ئېتنىك سوتسىئولوگىيە، ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ خىتتاي، ئىنگلىز، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا 80 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالا، كىتاب بابلىرى ۋە 6 پارچە مۇستەقىل كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ژۇرنىلى» (Journal of East Asian Studies in Türkiye) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇھەررىرى.