ئۇيغۇرلار خۇاۋېي شىركىتىنىڭ سىناق ئوبىيېكتى قىلىنغان

2020-12-09
Share

CNBC تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 9-دىكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ۋە ساقچىلارنى ئاگاھلاندۇرالايدىغان يۇمشاق دېتالنى سىناق قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە خۇاۋېي شىركىتى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ سۈنئى ئەقىل شىركىتى «مېگۋىي» (Megvii) بىلەن بىرلىشىپ يېڭى چىراي تونۇش سىستېمىسىنى سىناق قىلغان. بۇ سىستېما مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەت-مۇسۇلمانلارنى بايقاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بايقالغان ھامان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىكەن.

ھەتتا سىناقنىڭ يەنە بىر تۈرى مەخسۇس «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇشى» ناملىق ئىقتىدار ئىكەن. سىن نازارەتچىلىكى، دوكلات، تەتقىقات ۋە سىناق نەتىجىسىنى يەتكۈزۈشتىكى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورگان-IPVM نىڭ 2018-يىلىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى «يۈز ئانالىزى» بولۇپ، «مىللەت» نى ئايرىيالايدىكەن.

خۇاۋېي ياكى مېگۋىي شىركەتلىرى سىن نازارەتچىلىكى، دوكلات، تەتقىقات ۋە سىناق نەتىجىسىنى يەتكۈزۈشتىكى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورگان-IPVM تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھۆججەتتە دېيىلگەنلەرنى رەت قىلمىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارات سىسىتىمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان «باستۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قلىش» تەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەنىدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى سانائەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىمۇ 17-ئاۋغۇست خۇاۋېي شىركىتىگە چېتىشلىق 38 شىركەتنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت