ھيۇگو بوس شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن كېلىشكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.05.09

گېرمانىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى ھيۇگو بوس (HUGOBOSS) تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ھەل قىلىش ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن كېلىشكەن.

«مودا ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ 8- ماي كۈنى جاكارلىشىچە، ھيۇگو بوس شىركىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك «قايىل قىلارلىق جاۋاب ياكى چارە» نى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

مەزكۇر گۇرۇپپا «X» تىكى ئىنكاسىدا ھيۇگو بوس شىركىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۆپ مودا كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

ئۇلار ئۇچۇرىدا، نۆۋەتتە گېس (GUESS)، لىۋايس(LEVIS)، نايكى (Nike) ۋە زارا (ZARA ) قاتارلىق 7 ماركىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2021- يىلى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تەسىرى كۈچلۈك شەخسلەر بىرلىكتە قۇرغان «مودا ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش» گۇرۇپپىسى دۇنيادىكى مودا كىيىم ماركىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشىنى ئاياغلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.