ئىرانلىقلار تېھراندا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يەكشەنبە كۈنى ئىران پايتەختى تېھراندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر توپ ئادەملەر نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بىر قىسىم كۈچ كۆرسەتكۈچىلەر ئەلچىخانا ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئۇرۇپ - چېقىۋەتكەن.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار مەزكۇر ھۇجۇمچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان، ئۇلار يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر نامايىشچى - نارازىلىق بىلدۈرگۇچىلەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تونۇلغان شىئە موللىسى نىمر ئال - نىمرنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلتۈرۈشىگە نارازى بولغان.

شەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەنە 47 ئادەم تېررورىزم جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، نىمر ئەل نىمر شۇلارنىڭ قاتارىدا ئىكەن.

نىمر بەكىر ئال نىمر ئادەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا شەيخ نىمر دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ 2011 - يىلىدىن كېين شىئەلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللىشى بىلەت نام چىقارغان ئىكەن.

ئىران تاشقى ئىشلار باياناتچىسى كىشىلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ئىران ئالىي دىنى داھىيسى ھامەينى سەئۇدى ئەرەبىستاننى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت