ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا مەكتۇپ يوللىدى
2021.12.20
يېقىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 90 نەچچە تەشكىلات بىرلىشىپ «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئوچۇق مەكتۇپ يوللىدى ھەمدە ئۇلاردىن «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشقا ئەمدى ئىلاج يوق» دېدى.
18-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوچۇق مەكتۇپتا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە زور تۇتقۇنغا گىرىپتار بولۇشى ھەققىدىكى ئومۇمى ئەھۋالنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا دائىر بارچە ھادىسىلەرنى، جۈملىدىن ناماز ئوقۇش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، ھالال-ھارام چۈشەنچىسى بويىچە ياشاش قاتارلىقلارنى تېررورلۇققا باغلاپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يىېيشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى ئاللىقاچان ‹قىرغىنچىلىق› دەپ جاكارلاندى. بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ يېتىپتۇ. ئەمدى سىلەرنىڭ بۇ قەدەر زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشىڭلارغا قىلچىمۇ ئورۇن قالمىدى» دېيىلىدۇ.
مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى خىتاينىڭ زۇلۇملىرىغا شېرىك بولماسلىققا ھەمدە ھەققانىيەتنى ياقلاپ دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوچۇق مەكتۇپقا مالايشىيا، ھىندونېزىيە، تايلاند قاتارلىق جايلاردىكى داڭلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ ئىمزا قويغان. باش شتابى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدىكى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ھازىر 57 ئىسلام دۆلىتى ئەزا بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خەلقئارا مۇنبەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەرگە ئۇچراپ كەلگەنىدى.