ئىتالىيەدە ساقچىلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى توقۇنۇشتى
2016.06.30
مەلۇم بولۇشىچە، ئىتالىيەنىڭ فلورېنسا شەھىرى سېستو فىيورېنتىنو رايونىدا، ساقچىلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ۋە ئىتالىيە تاراتقۇلىرى پەرقلىق خەۋەر بەرگەن. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقە 29 -ئىيۇن كەچتە باشلىنىپ، 30-ئىيۇن سەھەردە بېسىققان. ۋەقەدە ئىككى خىتاي ئىشچىسى قولغا ئېلىنغان.
«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 30 -ئىيۇندىكى خەۋىرىدە 29 -ئىيۇن چۈشتىن كېيىن فلورېنسا ساقچىلىرى بىر زاۋۇتنى تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ساقچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە فلورېنسا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ۋەقەگە ئارىلاشقانلىقى ۋە ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىن ساقچىلارنىڭ قانۇننى ئەدەپ بىلەن ئىجرا قىلىشنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەق -ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئەمما «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، زاۋۇتنىڭ قانداق زاۋۇت ئىكەنلىكى، ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن.
ئىتالىيە ئانسا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدە بولسا، خىتاي ئىشچىلارنىڭ زاۋۇتنىڭ ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئىتالىيە ساقچىلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ۋەقەنىڭ چوڭىيىشىغا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا بىر خىتاي ئىشچىنىڭ ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشتە قولىدىكى 10 ئايلىق بوۋاقنى قالقان قىلىپ پايدىلانغاندا، بالىنىڭ ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ساقچىلار ئارىسىدا ئۆز -ئارا توقۇنۇشىدىغان ھادىسىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇنداق ۋەقەلەرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا قۇرغان ساختا تاۋار ئىشلەش زاۋۇتلىرى ياكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك ئىشچىلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلغانلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.