خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تور بېتى تاقاپ قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.12.14


خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تو بېكىتى-«جوڭگۇ مۇسۇلمانلار تورى» تاقاپ قويۇلغان. لېكىن، ئۇنىڭ ۋاقىتلىق ياكى پۈتۈنلەي تاقالغانلىقى ۋە تاقىلىش سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. بۇ تورنىڭ ئىسمى سەزگۈر سۆزلۈك قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، توردا ئىزدەش چەكلەنگەن. بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، بۇ تورنىڭ «دىنىي رادىكاللىقنى تەرغىپ قىلىش»قا چېتىشلىق، دەپ تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. رادىئومىزنىڭ مۇخبىرى بۇ تورنىڭ گەنسۇ لەنجۇدىكى مەركىزىگە تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، لېكىن زىيارەت قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.

«جوڭگۇ مۇسۇلمانلار تورى» 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ تۇڭگانلار ئارىسىدا تەسىرى چوڭ تورلارنىڭ بىرى ئىدى. مەزكۇر توردا خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار سىياسىتى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان ھىجاپ، چۈمبەل ۋە باشقا دىنىي سىمۋوللارنى چەكلەش سىياسى، ھالال يېمەكلەرنى قوغداش، ئاتېئىزمنىڭ ئىنسان ئەخلاقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكى قاتارلىق تېمىلاردا نۇرغۇن ماقالە، پىكىرلەر ئېلان قىلىنغان.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جۈننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق مۆتىدىل بىر تور بەتنىڭ «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەسى مۈشكۈل ئىكەن.

بەزى خەۋەرلەردە. مەزكۇر تورنىڭ تاقىلىشىنى خىتاي مەملىكەتلىك دىنىي-مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تۇڭگان مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا باغلىغان. ۋاڭ جىڭۋېي، مىللىي خاسلىقنى تەكىتلەپ، تۇڭگان رايونلىرىدا نۇرغۇن مەسچىتلەرنى سالدۇرغان، ھالال يېمەكلىك قانۇنى چىقىرىشنى قوللاپ، كومپارتىيە ئىچىدىكى چوڭ خەنزۇچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.