خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» مانجۇ خانىدانلىقىدىن باشلانغان ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.07.19

خىتاي ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىش سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى خىتايلارنىڭ ئۆزى نەچچە ئەسىر مۇستەملىكە بولغان مانجۇلارنىڭ چىڭ خانىدانلىقى دەۋرىگە باغلىغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۈ ۋېنلى چىڭ خانىدانلىقىنىڭ «سىڭدۈرۈش شەكلىدىكى ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش» سىياسىي «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لۈ ۋېنلى يېقىندا «خىتاي خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى» نىڭ مۇخبىرلىرىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، «تارىختا مەركىزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇشى، ھەر قايسى مىللەت ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، نىكاھلىنىش ۋە سودا قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىپادە تاپقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

لۈ ۋېنلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، چىڭ خانىدانلىقىنىڭ «سىڭدۈرۈش شەكلىدىكى ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش» سىياسىتى تۇغقانچىلىق ئورنىتىش، ئۆز ئارا نىكاھلىنىش، سودا ۋە بىر-بىر بىرىنى تولۇقلاش قاتارلىق شەكىللەردە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق بىر گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى بولغان» ئىكەن. ھالبۇكى، لۈ ۋېنلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشقا تەشەببۇس قىلىش ھەتتا مەجبۇرلاش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۇغقانچىلىق ۋە نىكاھلىنىشنىڭ مانجۇ خانىدانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى دىققەت قوزغىماقتا.

تارىخشۇناسلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، چىڭ خانىدانلىقى 1759-يىلى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ، ئارقىدىن قەشقەرىيە ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر رايوننى 1860-يىللارغىچە ھەربىي مۇستەملىكە تۈزۈمىدە باشقۇرۇپ، يەرلىك بەگلىكلەر ئارقىلىق ئىدارە قىلغان. 1878-يىلى ياقۇپبەگنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلى رەسمىي چىڭ خاندانلىقىغا ئۆلكە سۈپىتىدە قېتىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مەزگىل يەنىلا بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، دېموگرافىك ۋە مەدەنىيەت ھاياتىدا يېتەكچى رول ئويناپ، خىتاي بىلەن بولغان ئارىلىقنى ساقلاپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.