كانادانىڭ سابىق باش مىنىستىرى جاستىن ترودونىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى خاتىرە بولۇپ قالدى
2025.01.08
كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى فېيىسبۇك ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، جاستىن ترودو بىلەن 2024-يىل 17-دېكابىر بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىگەن ھەمدە بۇ سابىق باش مىنىستىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان.
كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترودو 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ماكانلاشتۇرۇش پىروگراممىسى (M62) نى قوللاپ بېلەت تاشلىغان سىياسىيون بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قوشقان ئىجابىي تۆھپىسى كانادادىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. مەمەت توختى ئەپەندى فېيىسبۇك ھېسابىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» غا ھەمدە كانادالىق ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سابىق باش مىنىستىر جاستىن ترودوغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەپ يازغان: «مەن باش مىنىستىر جاستىن ترودونىڭ M62 پىروگراممىسىغا تاشلىغان بېلىتى، ئۇيغۇرلارنى قەتئىي قوللىغىنى، شۇنداقلا ھەر خىل سورۇنلاردا، جۈملىدىن پارلامېنت يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
CNN قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا لىبېراللار پارتىيەسى رەھبىرى بولغان جاستىن ترودو 9 يىل كانادا باش مىنىستىرى بولغان؛ 2025-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبىرى سايلىنىپ چىققان ھامان، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىكەن.