مالايشىيادا قاچاقلار كوللېكتىپ ھالدا كۆمۈۋېتىلگەن جايلار تېپىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.05.25


مالايشىيا دائىرىلىرى بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلىرىنىڭ جەسەتلىرى كۆمۈلگەن بىر قانچە ئازگاللارنى تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. مالايشىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى زاھىت خەمىدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆتكەن ھەپتە مالايشىيا بىلەن تايلاند چېگرىسىغا يېقىن جايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىرى ئىشلىتىدىغان بىر يېزا ئەتراپىدىن مەزكۇر جەسەتلەر كۆمۈلگەن ئازگاللىقلارنى تاپقان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بېنگاللىقلار ۋە تايلاندىن قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئىكەن.

مالايشىيا دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۆز تەۋەلىكىدە قاچاقلارنىڭ جەسەتلىرى كۆمۈلگەن ئازگاللار بارلىقى ۋە ھەتتا تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

تايلاند ساقچى دائىرلىرىمۇ يېقىندا ئۆز دۆلەت تېررىتورىيىسىدە قاچاقلارنىڭ جەسەتلىرى كۆمۈلگەن جايلارنى بايقىغان.

مالايشىيادىن تېپىلغان،مەزكۇر قاچاقلارنىڭ جەسەتلىرى كۆمۈلگەن ئازگاللىقلار ھەققىدە يەكشەنبە كۈنى مالايشىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى زاھىت خەمىدى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما قانچىلىك جەسەت بايقالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن. مالايشىيا مەتبۇئاتلىرى مۇنداق قەبرىدىن 30 نەچچىسى تېپىلغانلىقى، ئۇ يەرلەرگە يۈزلىگەن ئادەملەرنىڭ كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.