مۇھەممەد فايسال: «شىنجاڭ زىيارىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنىڭ ۋاقتى ئۆتتى!»
2020.01.01
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىغا قارشى مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى نارازىلىق نامايىشى قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىغا «گۈزەل ۋە تىنچ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ھەقىقى شىنجاڭنى چۈشىنىش» تەكلىپىنى سۇندى.
«مالايسىيا پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەركىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد فايسال ئابدۇل ئەزىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ «شىنجاڭ ھەققىدىكى تەشۋىقات ئالدامچىلىقى ئەمدى ئاقمايدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا ئىشەنچلىك ئورۇنلاردىن تاپشۇرىۋالغان دوكلاتلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەققىدىكى نىزاملار ۋە ھۆججەتلەردە ئېيتىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئەمەلىيەتتە ھىجابلىنىش، ساقال-بۇرۇت قويۇش، ھالال ئوزۇقلىنىش دېگەندەك ئەقەللىي ئىسلامىي ئادەتلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مۇھەممەد فايسال خىتاي ئەلچىخانىسىغا يوللىغان باياناتىدا ب د ت ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە يول قويۇلغاندا ئاندىن بۇنى تەكشۈرۈش، دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.