مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىگە سۈكۈت قىلمىدۇق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.04.22

مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد سابۇ، مالايشىيانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكىرنى رەت قىلىپ، مالايشىيانىڭ دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق مەزكۇر مەسىلىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. «مالاي پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 21‏-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، مۇھەممەد سابۇ بۇ سۆزلەرنى يېقىندا «مالاي پوچتىسى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارىلىغان.

ئۇ، «بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشچىلىقىدا داۋاملىق دىپلوماتىك قاناللارنى ئىشلىتىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىنى ئۆزئارا سۆھبەتلىرىدە ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە» دېگەن. 

مالايشىيا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تەقىبلەپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تۇنجى مۇسۇلمان دۆلىتى. ئۇ، 2017‏-يىلى تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ ئۆتكەن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 10‏-ئايدا ئۇلارنى تۈركىيەگە يولغا سېلىپ قويغان ئىدى. 

مۇھەممەد سابۇ يەنە، بەلكىم بۇ ئىشلارنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «مالاي پوچتىسى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلىشتا ئاكتىپ بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى سورىغان. مۇھەممەد سابۇ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىنكاس بىلدۈرگەن چەتئەلنىڭ 2‏-دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى رەندى شرايۋېر ئامېرىكادىكى خادسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەت تراگېدىيەسى تاشقى دۇنياغا نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.