خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كومىتېتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ‹كەڭ كۆلەمدە› مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى
2025.02.11
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كومىتېتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان بۆسۈش خاراكتېرلىك دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى سانائەت ۋە دېھقانچىلىقنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز(Adrian Zenz) x تە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتقا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ دوكلات ئۇقۇم جەھەتتىن ئىنتايىن توغرا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى ئىشسىزلىق ئەھۋالىغا قارىتا كۆزىتىش ئېلىپ بارغان ۋە تۇتۇپ تۇرۇش، يەنى لاگېرلار سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يېڭى مەجبۇرىي ئەمگەك تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن».
دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ۋە ئىلىن لىن (I-Lin Lin) مۇ يېقىندا «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر تارتىۋېلىپ ئىشلىتىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» ناملىق بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغانىدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانچىلىق ساھەسىدە، بولۇپمۇ پەمىدۇر، قىزىلمۇچ، سەبدەرگۈل ۋە تەبىئىي تېتىتقۇ (stevia) قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى شۇنداقلا ئاساسلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن مەجبۇرىي ئېلىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.