خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى خېنەندىكى كەلكۈن ئاپىتىگە ياردەم بېرىشكە داۋاملىق مەجبۇرىي سەپەرۋەر قىلماقتا

2021.07.26

ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خېنەندىكى كەلكۈن ئاپىتىگە ياردەم بېرىشكە داۋاملىق سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. قۇمۇل شەھىرى ئۆتكەن ھەپتە خېنەنگە بىر مىليون نان ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، «قۇمۇل تەملىك نان تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» ناملىق ناۋايچىلىق كارخانىسىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى كېچىلەپ ئىسمېنادا ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلغانىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «قېرىنداشلىق مېھرى» نى يەتكۈزۈش نامىدىكى بۇ سەپەرۋەرلىكنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. «شىنخۇا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسىغا قاراشلىق چىلاق كەنتىدىكى ئاھالىلەرنى كېچىلەپ نان يېقىپ خېنەنگە ياردەم قىلىشى ھەرىكىتىگە سەپەرۋەر قىلغان. خەۋەردە 5 مىڭ نان باسقان تۇنجى تۈركۈمدىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ 24-ئىيۇل كۈنى خېنەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نانلارنى مەزكۇر كەنتتىكى ئاھالىلەر كېچىلەپ تەييارلىغان بولۇپ، بۇ سەپەرۋەرلىكنى مەزكۇر كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ئۇيۇشتۇرغانىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا بۇرۇن ئىئانە بەرگەن ياكى ئىئانە توپلاپ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشى، ئەمدى بولسا ئۇيغۇرلارنى خېنەندىكى ئاپەتكە مەجبۇرىي سەپەرۋەر قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.