ئاۋسترالىيە زاكاز قىلغان پويىزلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.10.08

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن ۋە سىدنىي شەھەرلىرى ئۈچۈن خىتايدىن زاكاز قىلىنغان پويىزلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ئاشكارىلانغان. ئاۋسترالىيە قاتناش مىنىستىرى ئاندرېۋ كونستانس بۇ خەۋەردىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە جىددىي تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاۋسترالىيەدە چىقىدىغان «سىدنىي ئەتىگەنلىك گېزىتى» ۋە «دەۋر» قاتارلىق گېزىتلەر سىدنېي ۋە مېلبۇرن شەھەرلىرىنىڭ يېڭى پويىزلىرىنى ياساش تۈرى ھۆددىگە بېرىلگەن خىتاي تۆمۈر يول پايچېكى ھەسسىدارلىق شىركىتى (CRRC) نىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتىن پايدا ئېلىۋاتقان ۋە بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىكەن.

ئاۋسترالىيە قاتناش مىنىستىرى ئاندرېۋ كونستانس بۇنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەھۋاللىقىنى ئېيتىپ: «مەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى كۆرۈپ بەكلا چۆچۈپ كەتتىم. مەن ئاۋسترالىيە خەلقىگە بۇ مەسىلىنى جىددىي تەكشۈرۈپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە تولۇق كاپالەت بېرىمەن،» دېگەن.

كونستانس ئەپەندى ئەگەر ھۆكۈمەت تەكشۈرۈشىدە ھەقىقەتەن بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئېكىسپىلاتتاتسىيە قىلىش بەدىلىگە پايدا ئېلىۋاتقان بىر شىركەتلىكى ئېنىقلىنىپ چىققان تەقدىردە قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق توختالمىغان. ئەمما ئۇ: «ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى مەھسۇلاتنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك، بىز شۇ چاغدا ئەھۋالغا قارىتا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىمىز»، دېگەن.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى گلادىس بېرېجىكلىيانمۇ 7-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى باياناتىدا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەتنىڭ زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، سىدنېينىڭ پويىزلىرىنى ياساش ۋە ئاسراش ئۈچۈن نەچچە مىليارد دوللارلىق توختام تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاۋسترالىيەگ يېتىپ كەلگەن ئىكەن. خىتاي شىركىتى بىلەن توختاملاشقان دوۋنىر ناملىق شىركەتنىڭ باياناتچىسى بمۇخبىرلارغا: «بىز بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خىتاي تۆمۈر يول پاي چەك ھەسسىدارلىق شىركىتى (CRRC) ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغانلىقىنى رەت قىلدى،» دېگەن.

بىراق ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ ئىككى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان شىركەت رەھبەرلىرى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يۇقىرىقى پويىز ۋەقەسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.