«كۈنتاختا ئېمپېرىيەسىنىڭ گۇناھ-جىنايەتلىرى» ناملىق يېڭى دوكلات ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.18

ئامېرىكادىكى «بۆسۈش تەتقىقات ئىنستىتۇتى» (Breakthrough Institute) 18-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «كۈنتاختا ئېمپېرىيەسىنىڭ گۇناھ-جىنايەتلىرى» ناملىق بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولپ، ئۇنىڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىپىك نامايەندىسى بولغان كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشى مۇھىم تېما قىلىنغان.

چوڭ ھەجىملىك بۇ دوكلاتتا، ئۆتكەن ئون يىلدا دۇنيادىكى كۈنتاختا ياساش سانائىتىنىڭ  كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكى بىلەن چېتىشلىق مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، كۈنتاختىغا مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن كۈنتاختا سودىسى قىلغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان كۈنتاختىغا باغلىنىپ قالغانلىقى، چۈنكى كۈنتاختا ياسايدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار سىياسىتى ۋە قۇل ئەمگىكىدىن شەكىللەنگەن ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن زور پايدىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى، ئامېرىكانىڭ بۇ مەھسۇلاتنى چەكلەش قانۇنى بىلەن ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج ۋە پايدىنى كۆزلەۋاتقان شىركەتلەر ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان كەسكىن كۈرەشلەر تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ دوكلاتتا بۈگۈنكى دۇنيادىكى كۈنتاختا سانائىتى ۋە بازىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، ئۇيغۇر رايونىدا تېز سۈرئەتتە ئاشقان كۈنتاختا  ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئەزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىش ئەۋزەللىكى، شۇ سەۋەبتىن ئېشىپ كەتكەن مەجبۇرىي ئەمگەك زۇلۇمى، كۈنتاختىغا كېتىدىغان كىرىستاللىق كىرىمنىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىما ۋە ناچار ئەمگەك مۇھىتى قاتارلىقلار رەسىم ۋە گرافىكلار بىلەن كۆرسىتىلگەن. ئاندىن بۇ قۇل ئەمگىكى مەسىلىسىنىڭ سەزگۈر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان كۈنتاختىلارنىڭ سېتىلىش ۋە چەكلىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن. ئاخىرىدا خىتايدا ھېلىھەم گۈللىنىۋاتقان كۈنتاختا سانائىتىنىڭ كىلىمات بۇلغىنىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇش خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.       

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.