شاۋكەت مىرزىيويېف مەركىزى ئاسىيا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرلەشمىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېف مەركىزى ئاسىيا رايونىدىكى ئەللەرنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، شاۋكەت مىرزىيويېف سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن «مەركىزى ئاسىيا: ئوخشاش ئۆتمۈش، ئورتاق كېلەچەك، ئۆزئارا گۈللىنىش ۋە پۇختا تەرەققىيات ئۈچۈن ھەمكارلىق» دەپ ئاتالغان خەلقئارالىق يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەركىزى ئاسىيا ئەللىرى رەھبەرلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ سۆزىدە مەزكۇر مېخانىزمنىڭ مەركىزى ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سانائەت، مەبلەغ، ئىلىم جەھەتلەردىن ھەمكارلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ۋە پۈتۈن مەركىزى ئاسىيا رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سەمەرقەنتتىكى بۇ يىغىنغا مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، ئىلگىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ناملىق بىر گەۋدە قۇرۇپ، ئورتاق پۇل چىقىرىش ۋە ئورتاق سودا-ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سابىق ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

يېڭى ئۆزبېك پرېزىدېنتى مىرزىيويېف قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق تۈركىي دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا دائىم قېرىنداشلىق، ئورتاق تارىخ ۋە ئورتاق مەدەنىيەت تۇغقانچىلىقىنى كۆپ تەكىتلىگەن ئىدى.