خىتاي ئاممىۋى تور قانىلى PPTV گېرمانىيە پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزى سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلغان ئەنگلىيە «ئارسېنال» پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنى قايتا قويۇشقا باشلىغان.
«ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، PPTV «ئارسېنال» نىڭ مۇسابىقىسىنى قايتا قويغان بولسىمۇ، لېكىن پۇتبول مۇلاھىزىچىسى پۈتكۈل مۇسابىقىدە مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئىسمىنى پەقەت تىلغا ئالمىغان.
مەسئۇت ئۆزىل 13-دېكابىر كۈنى تىۋېتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام قاتارلىق تاراتقۇلاردا پىكىر يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ «)خىتايدا( قۇرئان كۆيدۈرۈلمەكتە، مەسچىتلەر تاقالماقتا، مەدرىسىلەر چەكلەنمەكتە، دىنىي زاتلار ئۆلتۈرۈلمەكتە. بۇنىڭغا قارىماي مۇسۇلمانلار سۈكۈت قىلماقتا» دەپ يازغان ئىدى.
ئۆزىلنىڭ سۆزى رايوندىكى 2 مىليوندەك مۇسۇلمان تۇتقۇنلار قامالغان لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاقلاۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي تور ئابۇنتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. «مەسئۇت ئۆزىل خىتايدا قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم،» دەپ ئېلان قىلىنغان. خىتايدىكى قاناللار «ئارسېنال» نىڭ مۇسابىقىسىنى تارقىتىشنى توختاتقان ئىدى. لېكىن «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، PPTV 26-دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىز ئارسېنال بىلەن بورېنموس كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنى تارقىتىشى خىتاي تور ئابۇنتلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. بەزى ئابۇنتلار PPTV نىڭ پىكىر تاختىسىغا خەت يېزىپ، مەزكۇر تور قانىلىنى تەنقىدلىگەن.
مەسۇت ئۆزىل ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي تور ئابۇنتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مەسۇت ئۆزىلنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەسئۇت ئۆزىلنى خىتايدىكى مەستانىلىرىدىن ئايرىۋېتەلىسىمۇ ئەمما خىتاي «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دىنىي ئېتىقادلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرالمايدۇ» دېگەن. مەسئۇت ئۆزىلنىڭ سۆزى يەنە يېڭى زېلاندىيە زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىيامىسنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.