30 نەچچە يىلدىن بېرى خىتايدا سودا قىلىپ كېلىۋاتقان مىكروسوفت شىركىتى يېقىندا بىر قىسىم خىزمەتچىلىرىنى باشقا دۆلەتكە كۆچۈشكە سەپەرۋەر قىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىكروسوفت ئاز دېگەندە 100 ئادىمىنى باشقا دۆلەتتە ئىشلەشكە ئۈندىگەن.
ئامېرىكا CNN تورىنىڭ 16-ماي كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن خىتاينىڭ ئۇنى ئوغرىلاش قىلمىشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتى بۇنىڭدىن تارتىدىغان زىياننى ئالدىن مۆلچەرلىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە، مىكروسوفتنىڭ ئالىي تېخنىكا خادىملىرى، بولۇپمۇ بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى خادىملىرى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئىرېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
«ۋول-ستېرت ژۇرنىلى» نىڭ 16-ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مىكروسوفت شىركىتى خىتايدا ئىشلەۋاتقان، خىتاي پۇقراسى بولغان، بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان 800 گە يېقىن خادىمىغا خەت يوللاپ، ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتتە خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خادىملار بىر ئاي ئىچىدە كۆچۈپ بولۇشى كېرەك ئىكەن، كۆچمەسلىكنى تاللىسىمۇ بولىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مىكروسوفت شىركىتى 1992-يىل خىتايغا كىرگەن بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بېيجىڭدىكى «ئاسىيا يۇمشاق دېتال سىناق مەركىزى» دە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە تا ھازىرغىچە خىتاي بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كەلگەن.