ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو دۆلەتلىك بايراملارنىڭ بىرى بولغان «سابىق ئەسكەرلەر بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن 11-نويابىر كۈنى جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىنىڭ چارلېستوۋن شەھرىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

«ئۆمۈرلۈك خىزمەت مۇساپەمدىن يەكۈنلىگەن تەجرىبىلەر» سەرلەۋھىلىك نۇتۇقىدا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزىنىڭ ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئارمىيەدە كاپىتان ئۇنۋانى ئېلىش، كېيىنچە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بولۇشتەك ھايات كەچۈرمىشىلىرى ئاساسىدا ئۆز خىزمىتىدە مۇنەۋۋەر بولۇشقا تىرىشىش، خىزمەتتىكى تالانتلىقلارنى بايقاش ۋە ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئارتقۇزىۋاتقانلارنى مۇكاپاتلاش، شۇ ئارقىلىق بىر مۇكەممەل كوللېكتىپ بەرپا قىلىشتەك تەجرىبىسىنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇردى.

مايك پومپېيو شۇ قاتاردا بۇ خىلدىكى «مۇنەۋۋەرلىك» تەجرىبىسىگە ھەرقاچان كۈتۈلمىگەن خىرىسلارنىڭمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، نۆۋەتتە خىرىستيان مۇرىتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن تارتىپ خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغىچە بولغان ئىشلاردىن بۇنى روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يېقىندىن بۇيان ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوخشىمىغان كاتتا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلارنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنى «دۇنياغا بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىگنالدۇر،» دەپ قارىماقتا ئىكەن.