«ئىتتىپاقلىق ھەپتىسى» دە ئوتتۇز قازاق قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.12.18

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى11-دېكابىردىن باشلاپ «قوشماق تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتتە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى كۈدە-كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن يېمەك-ئىچمەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا بىرگە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان. ھالبۇكى، «ئىتتىپاقلىق» نى كۈچەيتىش مەقسىتىدىكى بۇ پائالىيەت باشلىنىپ ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئاز دېگەندىمۇ ئوتتۇز قازاقنىڭ سىياسىي سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، 16-دېكابىر كۈنى «قازاقىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغان خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقلار ئۈندىدار ئارقىلىق بىر-بىرىگە ئېلېكترونلۇق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى ۋە كۆنەستە ئوتتۇز قازاق قولغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى «مۇستەقىللىق كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىغانلىقى ياكى شۇنداق ئۇچۇرلارغا «بىرگە بولسۇن!» دەپ جاۋاب قايتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنغان. بۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش ۋەقەسىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئاساسەن ياشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنى نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكى ھازىرغىچە نامەلۇم» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق پۇقرالىرىدىن ئېشىپ، نۆۋەتتە مەمۇرىي خادىملار ۋە ئۇيغۇر ساقچىلارغىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ «ئەڭ ئاددىيسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ساقچىلار ئىشخانا بىناسىغا كىرىشتە قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.

ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ساقچىلار ساقچى ئىدارىسىگە كىرىپ-چىقىشتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى شەرت ئىكەن. ئەمما خىتاي ساقچىلارغا بۇنداق تەلەپ قويۇلمايدىكەن» دېگەن. شۇنداقلا «ئىتتىپاقلىق»نى تەشەببۇس قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق «ئىتتىپاقلىق» نى بۇزۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.