شىنجاڭ گېزىتى 24-نويابىر كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە نامرات بالىلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتى بىلەن تەشكىللەنگەن «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» بويىچە ئائىلىسى نامرات 103 مىڭ 700 ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
خەۋەردە، «ئۈمىد قۇرۇلۇشى بويىچە، 517 ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى، ئۈمىد يەسلىسى، بىر ئۈمىد دوختۇرخانىسى ياردەم بېرىلىپ قۇرۇلدى؛ ئائىلىسى نامرات جەمئىي 103 مىڭ 700 ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىلدى» دېيىلگەن.
2017-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان ساناقسىز ئائىلىلەر ۋەيران بولغان، نۇرغۇن بالىلار قارانچۇقسىز قالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بالىلارنى «پەرىشتىلەر يەسلىسى» قاتارلىق چىرايلىق ئىسىملار قويۇلغان بالىلار لاگېرلىرىغا يىغىۋالغانلىقى ئاشكارىلانغان. بىراق بۇ بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانىغا دائىر بىر مەلۇمات يوق ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان 103 مىڭ 700 نەپەر «نامرات بالا» نىڭ دەل ئاتا-ئانىلىرى لاگېرغا كىرىپ كەتكەنلىكتىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان ياكى قارانچۇقسىز قالغان بالىلار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە يەنە، «ئۈمىد قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى تېز ئىگىلەپ، خاراكتېر تاۋلىشى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى» دېگەن.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 20-نويابىر دۇنيا بالىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۈندىگەن. باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلەپ «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.