سىچۈەندىكى تىبەت رايونىدا يەنە بىر تىبەتلىك ئايال ئۆزىگە ئوت قويۇۋالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.04.16

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 16-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان ناڭتاڭ ناھىيىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن 20 ياشلىق بىر تىبەتلىك ئايال ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 3 ياشلىق بىر بالىسى بار بۇ تىبەتلىك ئايال خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان 115-تىبەتلىك ئىكەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تىبەتلىك ئايال شۇ يەر ۋاقتى 16-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن سىچۈەننىڭ ناڭتاڭ ناھىيىسىدىكى تىبەت مۇناستىرىغا يېقىن جايدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن، تىبەتلىك يۇرتداشلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى ئاۋۋال مۇناستىرغا ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۆيىگە ئەكېلىپ قويغان. مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك سەيشەنبە كۈنى كېچىدە، ناڭتاڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك ساقچىخانىنىڭ بېسىمى ۋە نازارىتىدە بۇ تىبەتلىك ئايالنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.