پاكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىدە بىڭتۈەننىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.07.02

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە باشتىن ئاخىر خىتاي تەرەپتە تۇرۇۋاتقان پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، پاكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خەلىل ھاشىمى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا زىيارەت بولغان، شۇنداقلا 8-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

پاكىستاندىكى «كۆزەتكۈچى» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان باش ئەلچىسى خەلىل ھاشىمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، پاكىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە «شىنجاڭنىڭ بۇ مۇناسىۋەتتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەلىل ھاشىمى پاكىستاننىڭ ھازىر خىتايدىكى 13 ئېكسپورت شىركىتىنىڭ مەبلىغىنى كىرگۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، «شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭمۇ پاكىستانغا مەبلەغ سېلىشى ۋە پاكىستان كارخانىلىرى بىلەن سودا قىلىشى» نى قوللايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق، كانچىلىق ۋە مال توشۇش ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە بىڭتۈەن ئورۇنلىرى ئۇيۇشتۇرغان «ئېچىۋېتىلگەن بىرلەشمە ئارمىيە» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ سۆز قىلغان. خەلىل ھاشىمى سۆزىدە پاكىستاننىڭ مول تەبىئىي شارائىتى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پۇرسىتىنى داۋاملىق كۆپەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەلىل ھاشىمى قەشقەردىكى زىيارىتىدە پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگراسى بولغان خۇنجىراپ ئېغىزىغىچە بارغان ۋە ئۇ جايدىكى چېگرا باشقۇرۇش، سودا-تاموژنا سۆھبەتلىرىگە قاتناشقان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، پاكىستان باش مىنىستىرى شەھباز شەرىف 6-ئاينىڭ بېشىدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇن ساھەلەردە «سۇغا چىلىشىپ قېلىش» ۋەزىيىتىگە گىرىپتار بولۇۋاتقان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاشقا تىرىشقانىدى. خىتاينىڭ قەشقەرنى مۇھىم سودا ۋە ساياھەت رايونى قىلىپ ئېچىشى، جۈملىدىن قەشقەردە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشى قاتارلىقلار «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نى قايتا ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.