خىتاي يېقىن شېرىكى پاكىستاننى ئاقلاشنى داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.08.24

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينىڭ يېقىن شېرىكى پاكىستاننى «تېررورچىلار پاناھلىنىدىغان جاي بولۇپ قالدى» دەپ ئەيىبلىگەندىن بېرى، خىتاي ئارقا-ئارقىلاپ بايانات بېرىپ، پاكىستاننى ئاقلىماقتا.

خىتاينىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تېللېرسونغا تېلېفون قىلىپ، پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى رولىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى، پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېخمىنا جانجۇئا بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇچرىشىشتا ۋاڭ يى پاكىستاننى رادىكاللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشتى، دەپ مەدھىيىلىگەن. ئۇ يەنە «نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ۋەزىيەتتە پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ مۇھىم رولغا ئىگە» دېگەن.

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىدىكى بەزى رايونلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان تالىباننىڭ قالدۇق كۈچلىرىگە قارىتا يېتەرلىك ھەرىكەت قوللانمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە «بىز پاكىستانغا مىلياردلاپ دوللار بېرىۋاتقان بولساقمۇ، بىز يوقاتماقچى بولغان تېررورچىلار پاكىستاندا پاناھلىنىپ يۈرمەكتە ھەمدە خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈشنى داۋام قىلماقتا. بىز ئەمدى بۇنىڭغا داۋاملىق سەۋرى قىلالمايمىز» دېگەن ئىدى. ئارقىدىنلا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بايانات بېرىپ، «خەلقئارا جەمئىيەت پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئەجرىگە كۆز يۇمۇۋالماسلىقى لازىم» دەپ پاكىستاننى ئاقلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.