رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلارۇس ئىقتىسادىي بىرلىك ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.05.29

بۈگۈن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قازاقىستان ۋە بېلارۇس دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن «ياۋرۇئاسىيا ئىقتىساد بىرلىكى» قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى.

2015-يىلىدىن تارتىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلان قىلىنىۋاتقان بۇ ئىقتىساد بىرلىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن ئىقتىسادىي گەۋدە سۈپىتىدە بىرلىككە كېلىشىنى مەقسەت قىلغان.

رويېترسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر بۇنى پۇتىننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، دەپ تەنقىد قىلغان. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مەزكۇر ئىقتىساد بىرلىكىنىڭ بۇنداق بىر مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى رەت قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىنى قايتىدىن رۇسىيەنىڭ ئەتراپىغا يىغىش ئارزۇسى بارلىقىنى يوشۇرۇپ باقمىغان. مەزكۇر ئىقتىساد بىرلىكى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى قويغان ئىقتىساد ئېمبارگولىرىغا قارشى قۇرغان بىر تەشكىلاتى، دەپ قارالماقتا.

بۈگۈنكى ئىمزا قويۇش يىغىنىغا ئۇكرائىنا قاتناشمىغان. بېلارۇس باشلىقى بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۈگۈن ئارىمىزدا ئۇكرائىنا يوق.... لېكىن مەيلى بالدۇر، مەيلى كېيىن ئۇكرائىنا ئاخىرى بەختنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ» دەپ سۆز قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئارىسىدا بىر ئىقتىسادىي بىرلىك قۇرۇش پىكرى 1994-يىلى دەسلەپ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەينى چاغدا بۇ پىكىر ئانچە دىققەتكە ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما 2011-يىلىغا كەلگەندە بۇنداق بىرلىك قۇرۇش پىلانىنىڭ دەسلەپكى لايىھىلىرى تۈزۈلگەن. بۈگۈن رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بىلارۇس تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىم بۇ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن 2015-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.