شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدە قۇرۇشقا پۈتۈشتى


شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە قۇرۇشقا ئائىت خىتابنامە ئىمزالىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر خىتابنامە يەكشەنبە كۈنى مالايشىيا پايتەختى كۇئالا - لامپۇردا ئىمزالانغان بولۇپ، خىتاپنامىدە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەت، يەنى مالايشىيا، كمابودژا، لائوس، بىرما، سىنگاپور، تايلاند، برۇنى، ۋيېتنام، ھىندونېزىيە ۋە فىلىپپىن 2015 - يىلى، 12 - ئاينىڭ 31 - كۇنىدىن ئىلگىرى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىق ئورتاق گەۋدە قۇرۇشقا ئائىت رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇشى لازىم ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئورتاق گەۋدە،بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بويىچە مەزكۇر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئورتاقلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئىقتىسادىي تەرەپ ئورتاق گەۋدىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولىدىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قورۇلىدىغان ئورتاق گەۋدە بىرلىككە كەلگەن ئەمگەك بازىرى، ئورتاق باج رايونى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەمما ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ۋە پۇل - مۇئامىلە جەھەتتىكى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەش ھوقۇقى ساقلىنىدىكەن.