تايلاند ساقچىلىرى: باڭكوك بومبا ھۇجۇمى گۇماندارى بومبىنى باش گۇماندارىغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.09.09

تايلاند ساقچى دائىرىلىرى چارشەنبە كۈندىكى باياناتىدا باڭكوك بومبا ھۇجۇمىغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئىككىنچى گۇماندارنىڭ بومبا قاچىلانغان سومكىنى باش گۇماندارغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

17-ئىيۇل باڭكوكتىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسىدا بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 20 ئادەم ئۆلگەن، 120 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر نوڭ چوك رايونىدىكى ئىككى بىنا ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋە بىر گۇماندارىنى بومبا ياشاش ئەسلىھەلىرى بىلەن قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىككىنچى گۇماندار مىرئەلى يۈسۈپ 1-سېنتەبىر كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ قولىدا «تۇغۇلغان ئورنى ‹شىنجاڭ› دەپ يېزىلغان خىتاي پاسپورتى بارلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

9-سېنتەبىر تايلاند ساقچى باياناتچىسى پراۋۇت تاۋورنسىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى مىرئەلى يۈسۈپنى ئۇ بومبا ياساش ئۈچۈن «ماتېرىيال» سېتىۋالغان دۇكان ۋە بومبىنى باش گۇماندارىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ بارغان.

پراۋۇت يەنە مىرئەلىنىڭ بومبا قاچىلانغان سومكىنى نوك چوك رايونىدىن بىر ئۈچ چاقلىق كىرا موتسىكلىتىغا ئولتۇرۇپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ساقچىلار بومبا ياسالغان ماتېرىياللارنىڭ تۈرى ۋە خاراكتېرىنى ئاشكارىلىمىدى.

دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گۇماندارلار «WhatsApp» دەپ ئاتىلىدىغان يانفون ئۇچۇر يۇمتالىدىن پايدىلىنىپ ئالاقە قىلغان، باش پىلانلىغۇچى ھۇجۇمنى تەشكىللەپ بولۇپ ھۇجۇمدىن بۇرۇن تايلاندتىن ئايرىلغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ كىملىكى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى سىر تۇتۇلماقتا.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە نوڭ چوك رايونىدىن قولغا ئېلىنغان «ئادەم كاراداگ» ئىسىملىك گۇماندارىنىڭ قولىدا تۈرك پاسپورتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.