تيەنجىندىكى پارتلاشقا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ قامال قىلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-08-13
Share


تيەنجىن شەھىرىنىڭ بىنخەي يېڭى رايونىدىكى پورتتا چارشەنبە كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك پارتلاشتا ھازىرغىچە 50 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 12 نەپىرى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى. شىنخۇا تورى قاتارلىق خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاستلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ۋەقەدە يارىلانغان كىشى سانى 701 بولۇپ، 71 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋىلىك ماددىلارنى ساقلايدىغان ئىسكىلاتتا كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما پارتلاشقا سەۋەب بولغان ئوت ئاپىتىگە نېمنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تېخى ئېلان قىلمىغان. ساقچىلار پارتلاش يۈز بەرگەن رۇيخەي ئىسكىلاتىنىڭ باشلىقىنى قولغا ئالغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ۋەقەدىكىگە ئوخشاشلا بۇ قېتىمقى ۋەقەدىمۇ ئۇچۇرنى قامال قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ۋەقە بولغان جايدىن بىر قانچە كىلومېتىر ئارىلىققىچە توساق قويۇپ، مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن. خىتايدىكى ۋېيبو تورى قوللانغۇچىلىرىمۇ بۈگۈنكى يازمىلىرىدا ئۆزلىرى توردا ئېلان قىلغان پارتلاشقا ئائىت رەسىم ۋە ۋدىئولارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان.

بۈگۈن، ئامېرىكا س ن ن تېلىۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى تىيەنجىندىكى دوختۇرخانا ئالدىدىن نەق مەيداندا خەۋەر بېرىۋاتقاندا باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت