تىبەتتىكى تارىخىي ئىبادەتخانىغا ئوت كەتكەن
2018.02.18
شەنبە كۈنى كەچتە تىبەت پايتەختى لىخاساغا جايلاشقان تىبەتلەر ئۈچۈن مۇقەددەس تارىخىي ئىبادەتخانىلاردىن بىرى جوكاڭ ئىبادەتخانىسىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. جوكاڭ ئىبادەتخانىسىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى تېزدىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى پەقەت قىسقىلا ئۇچۇر تارقىتىش بىلەنلا چەكلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى «تىبەت يېڭى ئۇچۇرلىرى» مەزكۇر ئىبادەتخانىغا 17-فېۋرال كۈنى كەچ سائەت 6 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئوت كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئوتنىڭ تېزدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش كۆرۈلمىگەنلىكى ھەم ھېچقانداق تارىخىي ئاسارە-ئەتىقىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى قىسقىلا خەۋەر قىلغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 1300 يىللىق تارىخقا ئىگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدەنىيەت ۋە پەن مائارىپ ئورگىنى تەرىپىدىن «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر ئىبادەتخانا لىخاسا شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت كېتىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. ۋەھالەنكى، خىتاي تەرەپ تور بەتلەردىكى مەزكۇر ئوت ئاپىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ، ئۇچۇرلار تورلاردىن ئۆچۈرۈلگەن.
رادىيومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ئوت ۋەقەسىگە ئائىت ئۇچۇرلار قامال قىلىنغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەھۋاللار ئېنىقسىز قالماقتا. يەنى، ئىبادەتخانا ئىچىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى، ئىبادەتخانىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى بىلىش مۇمكىن بولمىغان.
بۇ ئىبادەتخانىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنىڭ باشلىنىشىغا شۇنىڭدەك 15-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۈچ نەپەر ئەزاسى بۇ يىل 10-مارت كۈنىنى «تىبەت ھوقۇق كۈنى» قىلىپ بېكىتىش قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.