ئامېرىكادا «تۇغۇت ساياھىتى» بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي ئايال قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
2025.01.30
كالىفورنىيەدە ياشايدىغان بىر خىتاي ئايال ئاز دېگەندە 100 دىن ئارتۇق خىتاي ھامىلىدار ئايالنىڭ خىتايدىن مەخسۇس ئامېرىكاغا كېلىپ بوشىنىشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا پۇقرالىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فوبى دوڭ ئىسىملىك بۇ خىتاي ئايال ۋە ئۇنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى بۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس «بەختلىك بوۋاق» ناملىق شىركەت قۇرغان. فوبى دوڭ ھەققىدىكى ئەيىبنامىدە، ئۇنىڭ خېرىدارلىرىنى ئامېرىكا ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلغاندا يالغان سۆزلەش ۋە چېگرادىن ئۆتكەندە ھامىلىدارلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق تاموژنا خادىملىرىنى ئالداش توغرىسىدا يول كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر خېرىدارىدىن نەچچە ئون مىڭ دوللار پۇل ئالغان. بۇ ئىككىيلەن سۇيىقەست ۋە پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. فوبى دوڭنىڭ يولدىشى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا كېسىلگەن بولۇپ، ھازىر جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ دېلو سابىق پىرېزىدېنت ئوباما مەزگىلىدە باشلانغان «تۇغۇت ساياھىتى» گە زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. بۇنداق سودا ئۇزۇندىن بۇيان كالىفورنىيە ۋە باشقا ئىشتاتلاردا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي، رۇسىيە، نىگېرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە چېتىلىدىكەن.
ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى بويىچە، ئامېرىكادا تۇغۇلغان ھەر قانداق بالا ئاپتوماتىك ھالدا ئامېرىكا پۇقرالىقى سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ، بۇ بالىلار 21 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئامېرىكادا مەڭگۈلۈك تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نۆۋەتتە بۇ قانۇننىڭ «قانۇنسىز كۆچمەن» لەرگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.