ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «خىتاي ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.19

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 19‏-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ لاگېرلاردىكى ئاتا-ئانىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە ۋە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.

مەزكۇر بايانات 20‏-نويابىر يېتىپ كېلىدىغان «خەلقئارا ئۇنىۋېرسال بالىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. باياناتتا بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، ئۇلارنى دۆلەت قارمىقىدىكى ياتاقلىق لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 3‏-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى، مىڭلىغان بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دائىرىلەر قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بېقىشىغا بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى دۆلەت قارمىقىدىكى ياتاقلىق ئورۇنلارغا يەرلەشتۈرگەن. بالىلار ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەن نامدىكى بۇ ئورۇنلاردا پۈتۈنلەي خىتاي تىلى ۋە خىتاي ئەنئەنىلىرى بويىچە تەربىيەلىنىشكە باشلىغان ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتىدا «ب د ت نىڭ 20‏-نويابىر ئۇنىۋېرسال بالىلار كۈنى يېتىپ كەلگەن بىر پەيتتە خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشقا چاقىرىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى «كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىدىن ئايرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىق دۆلەت سىياسىتى» ئىكەن. بۇ نۇرغۇن جەھەتلەردىن «ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتىنىڭ تەبىرىگە چۈشىدىكەن.»

بۇنىڭدىن بۇرۇن كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاينى بالىلار مەسىلىدە كانادادىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىرغان. باش ئەلچى جون مىككاللۇم خىتاينىڭ كانادانىڭ ئۆتمۈشتىكى يەرلىك ئىندىئان بالىلىرىنى تەربىيەلەش مەكتەپلىرىگە سولاپ تەربىيەلىگەنلىكىدەك قىلمىشىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز كىشىلەرنى مەكتەپ ياكى قايتا -تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا مەجبۇرلىسىڭىز، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىلىرى، دىنى، ئۆتمۈشى ياكى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، يېڭى نەرسىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، بۇ دېگەندەك ئاقمايدۇ.»

ب د ت 1989‏-يىلى قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 20‏-نويابىرنى «ئۇنىۋېرسال بالىلار كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.