ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكەن يىلى 27 مىليون توننا نېفىت ئېلىندى


خىتاي نېفىت ساھەسى 2015 - يىلى، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۆت نېفىتلىكتىن 27 مىليون 880مىڭ توننا نېفىت ئالغان.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراماي نېفىتلىكى، تارىم نېفىتلىكى، تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى تەرەپلىرىگە جايلاشقان تارىم دەرياسى ۋادىسى نېفىتلىكىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ نېفىت بازىسىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان خام نېفىت 2015 - يىلى، پۈتۈن خىتاي خام نېفىت ئىشلەپ چىقىرىشىنىڭ 12،8 %نى ئىگىلىگەن بولۇپ، مەزكۇر تۆت نېفىتلىكنىڭ ئىگىلىگەن نېفىت مەھسۇلات نىسبىتى يىلىدىن - يىلغا ئاشماقتا ۋە 2014 - يىلىدىكىدىن 820 مىڭ توننا نېفىتنى كۆپ ئىشلەپ چىقىرىلغان.

خىتاي نېفىت ساھەسى ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىتلىكلەردىن ئېرىشىدىغان نېفىت مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2020 - يىلى، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپ چىقىرىدىغان خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى 29 مىليون توننىغا يەتكۈزىدىكەن،

نېفىتتىن باشقا يەنە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇلماقچى بولۇپ، 2020 - يىلىغا كەلگەندە يىللىق تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 36 مىليارد كۇپمېتىرغا يەتكۈزىلىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ غەربنىڭ تەبىئىي گازىنى شەرققە يۆتكەش، غەربىڭ نېفىتىنى شەرققە يۆتكەش قاتارلىق بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ 22. 8 مىليارد توننا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان.