پرېزىدېنت بايدېن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-12-23
Share

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۈگۈن، يەنى 23-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالاپ، ئۇنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

«2021-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى پرېزىدېنت خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان ۋە شۇنداقلا رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە مەسئۇلىيىتى بار چەتئەللىك ئەمەلدارلارنى جازالايدىغان 6256-نومۇرلۇق قانۇننى ئىمزالىدى.»

باياناتتا يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ روياپقا چىقىشىدا رول ئوينىغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى شۇمىر، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن مەكگاۋرن ۋە كىرىستوفېر سىمىس، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن جېف مېركلېي ۋە ماركو رۇبىيونىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىلغان.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاخىرىقى نۇسخاسى 14-دېكابىر تولۇق ئاۋاز بىلەن ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتكەن، 16-دېكابىر كۈنى يەنە تولۇق ئاۋاز بىلەن كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈپ پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىدى.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە زەربە بېرىشتىكى بۆسۈش خاراكتىرلىق ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى بارلىق ئىنسانلارنى سۆيۈندۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت