ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ساياھەت كونتروللۇقىنى تەنقىد قىلغان
2025.02.06
ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىدىن «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» 4-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا كەمسىتىش ۋە كونترول خاراكتېرلىك ساياھەت چەكلىمىسى قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكادىكى مەزكۇر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بۇ تەنقىدنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن كەمسىتىش خاراكتېرلىك ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى گۆرۈگە تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە كەمسىتىش خاراكتېرلىك ساياھەت چەكلىمىسى قويغانلىقىنى تەنقىدلەيمىز. ترامپ ھۆكۈمىتىنى بۇ چەكلىمىگە قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا ھەمدە ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان باشقا سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا چەت ئەلنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا قاتتىق شەرتلەرنى قويىدىغانلىقى، چەت ئەلنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش كۆپ سانلىق نوپۇسى مۇسۇلمان بولغان «سەزگۈر دۆلەتلەر» نى زىيارەت قىلىشى چەكلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.
«ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» يەنە ئامېرىكانىڭ يېقىندا ئىككى خىتاي شىركىتىنى جازالىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تەقىپ قىلىش ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلغان بىر شىركەتنى جازالىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، «ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتىكى جازالاش تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئوچۇق-ئاشكارا قوللاپ كېلىۋاتقان ئاز ساندىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ تەشكىلات ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا 29 خىتاي شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەندىمۇ، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قارشى ئالغان ئىدى.