خىتاي ئەمەلدارىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى «نورماللاشتۇرۇش» نى تەكىتلىشى ئەندىشە قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.05.28

خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بۇ رايوندىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» نى «نورماللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان.

خىتايدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 26-ماي كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، چېن ۋېنچىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغاندا، «يەرلىك ھۆكۈمەت چوقۇم قانۇن بويىچە تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك» دېگەن. ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلاردىن «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى ھەر ۋاقىت بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنىڭغا زەربە بېرىش» نى تەلەپ قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 27-ماي بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، چېن ۋېنچىڭ بۇ زىيارەتنى تۈگىتىپ بىر كۈن ئۆتكەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. خىتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىتاينىڭ قانۇن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن يېقىنقى 10 يىللىق تەرەققىياتى» دېيىلگەن بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 1-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دائىرىلەرنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش» تە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلدىن باشلاپلا، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا زەربە بېرىش» نى باھانە قىلىپ، ئاز دېگەندە 1 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ، جازا لاگېرلىرىدا سولىغانىدى؛ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان بولسا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئۇنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە بۇنى ئىنكار قىلىپ، لاگېرلارنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش؛ شۇنداقلا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى جانلاندۇرۇش» نى تەكىتلىگەنىدى. خىتاي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭنىڭمۇ بۇ قېتىم «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى تەكرارلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ۋاقىت بۇنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.