خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ساقچىلار بىلەن «قەلبداش» قىلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.03.09

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشى بىلەن مىڭلىغان ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئىگە-چاقىسىز قالغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى سەبىيلەرنى لاگېر سىستېمىسىنىڭ ئىجراچىلىرى بولغان خىتاي ساقچىلار قوشۇنى بىلەن «قەلبداش» قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 9-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدىكى ساقچىخانا شۇ جايدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ «سەبىيلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيىتى» ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭدەك مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈرگەن. خەۋەردە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىلدىكى «غەمخورلۇق» تىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، خەۋەرگە بېرىلگەن سۈرەتلەردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىپادىسى ئەمەلىيەتنىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ.

ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە خىتاي ساقچىلىرىنى «مېھرىبان» قىلىپ كۆرسىتىش ھەركەتلىرىنى ئەيىبلەپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ساختا مېھرىبانلىقى ماھىيەتتە ‹قوزا بىلەن بۆرىنى دوست قىلىش› ئويۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.