ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىۋاشتىن يامراۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر ھەپتىلىك شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرى تېخى ئاياغلاشمايلا ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى تېزدىن ئېشىشقا باشلىغان.

28-ئىيۇل كۈنى خىتاي ئاخبارات ساھەسىنىڭ مەلۇماتلىرىدا يېڭىدىن بايقالغان ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى 57 كىشىگە يەتكەنلىكى، بۇلارنىڭ بىردەك ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپەر ئالامەتسىز بىمار سانجى شەھىرىدىن ئىكەن. نۆۋەتتە تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانى 235 كە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن. نۆۋەتتە نەچچە يۈز مىڭ ئىشچى-خىزمەتچى «ۋىرۇسقا قارشى ئالدىنقى سەپ» كە ئاتلىنىشقا تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ قانچىلىك ئەمەلىي رولى بولىدىغانلىقى زور گۇمانلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

ئۈندىدار ئىشلەتكۈچى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلىرىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس بايقالغان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھىرىدىن باشقا ئاساسلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭمۇ بىردەك تولۇق قامال قىلىنغانلىقى، باشقا شەھەرلەرنىڭ يېرىم قامال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە نۆۋەتتىكى قامال ئاستىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقى، «ۋۇخەن شەھىرىنى قامال قىلىش» ۋەقەسى جەريانىدا كۆرۈلگەندەك ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەرنىڭ قايسى دەرىجىدە كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنسىترى سۇن چۈنلەننىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى بويىچە تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە «ھال سوراش» قا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئانالىزىچلار مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىن كۆپ ئېغىرلىقىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن.

ۋىرۇس ھەققىدىكى «ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم جايلاردا «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زايومى» نى نەقلەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭدا خىتاي دۆلىتىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن پۇقرالار خىتاي دۆلىتى تارقاتقان «يۇقۇم زايومى» نى سېتىۋېلىشقا تەشكىللەنگەن. «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ 21-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋىلايەت بويىچە بىر يېرىم مىليارد سوم (تەخمىنەن 215 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) دىن كۆپرەك «يۇقۇم زايومى» نەقلەشتۈرۈشتۈرۈلگەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئالدىغا مالىيە تەدبىرى ئېلىش ھوقۇقىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھالنىڭ باشقا ۋىلايەت ناھىيەلەردىمۇ ئوخشاش ئىجرا قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «يۇقۇم مەزگىلىدە ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغان پۇقرالار ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ياردەمگە ئەڭ موھتاج بولىدىغان بىر پەيتتە ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىش ئورنىغا ئۇلارغا ‹يۇقۇم زايومى› نى سېتىشى جەزمەن بۇيرۇق بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ خىل مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ھەرقاچان ‹جۇڭخۇا دۆلىتىنى سۆيۈش› نى ئاساس قىلىغان ۋەتەنپەرۋەرلىككە باغلىشى، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى لاگېرغا قامىشى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ھادىسە،» دېدى.