ئامېرىكا ۋىسكانسىن شتاتىنىڭ شتات باشلىقى سكوت ۋالكېر پرېزىدېنت ئوبامانى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 25 - ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ۋىسكانسىن شتاتىنىڭ شىتات باشلىقى، 2016 - يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان نامزاتلىرىدىن بىرى سكوت ۋالكېر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە پىلانلىغان ئامېرىكا زىيارىتىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىپ، خىتايدىكى، پاي چېكى بازىرىدىكى چۆكۈش، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان تالاش - تارتىشلىرى، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قاراتقان تور ھۇجۇملىرى قاتارلىق مەۋجۇت مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا ۋىسكانسىن شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى ۋالكېر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارىيىسىنىڭ 2016 - يىللىق پرېزىدېنت نازماتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، دىنىي ئېتىقادقا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاشكارا تەنقىد قىلىپ كەلگەن ۋە ئامېرىكىنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بۇ مەسىلىلەردە قاتتىق بولۇشقا چاقىرىپ كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.