شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 18-19-كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى 2-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچۇ سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسى» نى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈش مۇزاكىرە قىلىنغان.
شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئۇنىڭ بارلىق ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىتايدا ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىي تۈزۈلمىنى بەرپا قىلغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا سۆز تېمىسى بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «شى جىپىڭ ئىدىيىسى» نى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزمەكچى بولغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا جىددىي دىققەت قوزغىدى.
رويتېرس، فىرانسىيە رادىيوسى، ب ب س قاتارلىق تاراتقۇلاردا بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەرلەر بېرىلدى. 19-يانۋار كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى «خىتاي شى جىنپىڭ ئىدىيىسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزمەكچى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. فىرانسىيە رادىيوسى تارقاتقان خەۋەردە «ئەگەر شى جىنپىڭ ئىدىيىسى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلسە، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىڭپىڭ ماۋزىدوڭدىن كېيىن «ئىدىيىسى» خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن 2-شەخس بولۇپ قالىدۇ» دېيىلدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «خىتاي 1982-يىلدىن بۇيان 4 قېتىم ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پەقەت ماۋزىدوڭ ۋە دىڭ شاۋپىڭنىڭلا ئىسمى بار، جياڭ زېمىننىڭ ‹3 كە ۋەكىللىك قىلىش› ئىدىيىسى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىسمى يوق ئىدى. بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ ‹يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچۇ سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيىسى› خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن كىرگۈزۈلمەكچى،» دېيىلدى.
بۇلتۇر 10-ئاي مەزگىلىدە خىتاي كومپارتىيىسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنىدا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچۇ سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيىسى» خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى جاكارلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا «شى جىنپىڭ ئىدىيىسى» نى ئۆگىنىش داۋاملىشىپ كەلمەكتە.